باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ مېڭخۇي «ئۆي دېگەن تۇرىدىغان جاي، پۇل تاپىدىغان ۋاسىتە ئەمەس» دېگەن بەلگىلىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دېدى

2019.03.13 16:00   مەنبە: خەلق تورى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ مېڭخۇي «ئۆي دېگەن تۇرىدىغان جاي، پۇل تاپىدىغان ۋاسىتە ئەمەس» دېگەن بەلگىلىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دېدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ مېڭخۇي 12-چېسلا خەلق سارىيىدىكى «مىنىستىرلار يولى»دا مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئۆي-زېمىن بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىشنى ئاساسەن ساقلاپ كەلدى. 2019-يىلى، ئۆي-زېمىن بازىرىنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنىڭ خىزمەت لايىھەسى پۇختا يولغا قويۇلۇپ، «ئۆي دېگەن تۇرىدىغان جاي، پۇل تاپىدىغان ۋاسىتە ئەمەس» دېگەن بەلگىلىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ مېڭخۇي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، ئۆي-زېمىن بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلىدى، بازار كۆزلىمىسىدە پائال ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، بۇ ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: تۇرالغۇ ئۆي پۈتۈشۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، تۇرالغۇ پۈتۈشۈش باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بازار كۆزلىمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر