باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىللىق پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ، مۈلكىي خادىملارنى جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

2019.03.13 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەمئىيەتتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئارمىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمىتىگە كەڭ قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى يېقىندا 2019-يىللىق پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ، مۈلكىي خادىملارنى جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

  بۇ قېتىمقى ئاشكارا قوبۇل قىلىشتا، قىسىملارنىڭ مۇلازىمەت ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاساسلىقى بىر تۈركۈم مۈلكىي خادىملارنى غوللۇق كەسپىي سىستېما، نۇقتىلىق، ھالقىلىق ئىش ئورنى ۋە جاپالىق چەت رايونلارغا قوبۇل قىلىدۇ؛ ئەلا بولغان ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئۆلچەم شەرتى چىڭ تۇتۇلۇپ، دەل جايىدا ئىش ئورنى بويىچە ئادەم تاللاپ، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۈلكىي خادىملار قوشۇنىنى مەنبەدىن كۈچەيتىدۇ؛ ئادىل، ھەققانىي بولۇش، ئىش ئورنى سانى، سالاھىيەت شەرتى، تاللاش تەرتىپى، قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدىن ئىبارەت «تۆتنى ئاشكارىلاش»تا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنىڭ ئېنىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. پىلاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، ئارمىيە ئىختىساسلىقلار تورىدا ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدۇ. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتۈن ئارمىيە بويىچە بىر تۇتاش تەشكىللەپ ئىمتىھان ئالىدۇ. ئىمتىھان مەزمۇنى ئومۇمىي پەنلەر ۋە كەسپىي پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەرقايسى تارماق ئىمتىھانلارنىڭ دائىرىسى، مەزمۇنى ۋە كونكرېت تەلىپى ئىلگىرى ئارمىيە ئىختىساسلىقلار تورىدا ئېلان قىلىنغان. 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەر تاماملىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر