باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت باج باش ئىدارىسى يەنە 15 تۈرلۈك باج ئىشلىرى ئىسپاتلاش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ

2019.03.13 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، كىنىشكىلەرنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىشقا ئالاقىدار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە 2019-يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت باج باش ئىدارىسى 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا 20 تۈرلۈك باج ئىسپاتى ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 8-كۈنى «بىر تۈركۈم باج ئىسپاتى ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلىپ، ئاساسلىقى باجدا ئېتىبار بېرىش ئىشلىرىنى بېجىرىشكە چېتىلىدىغان 15 تۈرلۈك باج ئىسپاتى ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى سىياسەت، نىزام مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەت- تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش − 2019-يىللىق باج خىزمىتىنىڭ باش تېمىسى، يەنە بىر تۈركۈم باج ئىسپاتى ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولسا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئاسان ياخشى مەشغۇلات قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇ قېتىم 15 تۈرلۈك باج ئىسپاتى ئىشلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باجنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش، قايتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىشىنى ئۈنۈملۈك قولايلاشتۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئىشلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم بىكار قىلىنغان 15 تۈرلۈك باج ئىسپاتى ئىشلىرى ئىچىدە، بەش تۈر ئەسلىدە باج تاپشۇرغۇچىلار مەخسۇس ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ئىسپاتقا تەۋە بولۇپ، مەسىلەن ئاپتوموبىل- كېمە بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشنى بېجىرگەن ۋاقتىدا، ئالاقىدار تارماقلار چىقىرىپ بەرگەن تەبىئىي ئاپەت تەسىرىدىن باج تاپشۇرۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش زۆرۈر ئىدى؛ بايلىق بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان باج پۇلىنى تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇشنى بېجىرىشتە، ساتقۇچى تەرەپتىن ئېرىشكەن بايلىق بېجى باشقۇرۇش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى زۆرۈر ئىدى، ۋەھاكازالار. باشقا 10 تۈر بولسا باج تاپشۇرغۇچىلار ئەسلىدە تەمىنلىشى كېرەك بولغان ئۆزىدە بار قانۇندا بەلگىلەنگەن گۇۋاھنامە قاتارلىق ماتېرىياللار بولۇپ، مەسىلەن، ئاپتوموبىل- كېمە بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشنى بېجىرگەن ۋاقتىدا، ئاپتوموبىل مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ئالاقىدار باجنى كەچۈرۈم قىلىشنى بېجىرگەندە، ھەربىيلىكتىن چېكىنىش گۇۋاھنامىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، ۋەھاكازالار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر