باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا شى جىنپىڭ نېمىلەرنى تەكىتلىدى؟

2019.03.14 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1.تەرەققىيات

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىش، يېزا ئىگىلىكى. يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىيات پىلانى . . . ئاساسەن ھەر بىر ئۆمەك-گۇرۇپپىغا بارغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قانداق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالدى. دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماي، يەنە دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ مۇكەممەللىشىشى، مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ گۈزەللىكى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

  2. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش

  كۆپلىگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تىلغا ئالدى، چۈنكى 2020-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا يەنە پەقەت 20 ئاي ۋاقىت قالدى، ئەڭ جاپالىق ۋاقىت يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە سۆز قىلغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلدى ھەمدە ئوچۇق ئۇقتۇردى: تولۇق غەلىبە قازانمىغۇچە ئۇرۇشنى قەتئىي توختاتماسلىق لازىم. ۋاقىت كۆپ ئەمەس، ئۆتكەلگە قانداق ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تاكتىكىلىق جەڭ قىلىشنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شى جىنپىڭ بەش نۇقتىنى تەكىتلىدى: ئىشەنچنى چىڭىتىشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك؛ نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماسلىق؛ ئاخىرغىچە تۇتۇشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق؛ مەسىلىنى تۈزەشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق؛ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاشماسلىق كېرەك.

  3. ئېكولوگىيە

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن مەزمۇن بولۇپ، بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن»دىمۇ ھەم شۇنداق بولدى. بولۇپمۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، تۇنجى قېتىم «تۆت بىر»نى ئوتتۇرىغا قويدى: «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك ئاساسىي تەدبىر، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە «يېشىل»لىق بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئىدىيە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىر چوڭ جېڭىدۇر.

  4. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش

  بۇ يىل ھالقىلىق يىل، شۇنداقلا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل. 2020-يىلىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسىنى تاماملاش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاخىرقى مىنۇتلارغا بارغانچە ئىشەنچنى شۇنچە مۇستەھكەملەشنى تەكىتلىدى. يەنە ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوڭ خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كۈچ ۋە ۋەزىيەتنى يەنىلا ياخشى ساقلىماق زۆرۈر.

  5. خەلق

  خەلق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە باشتىن-ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «خەلقنى مەركەز قىلىش»، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»، «بارلىق مۇۋەپپەقىيەت خەلققە مەنسۇپ، بارلىق شان-شەرەپ خەلققە مەنسۇپ».

  6. دەۋر

  مەدەنىيەت - سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن ھالقىلىق سۆزىنىڭ بىرى دەل «دەۋر» بولدى. ئۇ كۆپچىلىكتىن «يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەش، يېڭى دەۋرنى يېزىش، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەشتەك بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىش»، «دەۋرنىڭ مەسىلىلىرىگە دادىل جاۋاب بېرىش»، «دەۋرنى سۈرەتلەش، دەۋرنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىش، دەۋر ئەخلاقىنى يورۇتۇش»نى تەلەپ قىلدى.

  7. ئەمەلىيلەشتۈرۈش

  بىر قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى قايتا -قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىنتايىن ئېتىبار بېرىدۇ، ئۇ ئىلگىرى مۇنداق تەكىتلىگەنىدى: «ئەگەر كۆڭۈلنى توختىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرمىسە، ھەرقانچە ياخشى نىشان، ھەرقانچە ياخشى پىلانمۇ پەقەت ئەينەكتىكى گۈل، سۇدىكى ئاي بولۇپ قالىدۇ.» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدا، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىش»، «مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاشماسلىق»؛ ئېكولوگىيەنى قوغداشتا، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش»؛ ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مۇستەھكەم پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش».

  8. ئىقتىساد

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈشتە، بىر قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كېتىشكە بولمايدۇ: ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا بىر ئاز قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىش تۈپەيلى، ئالدىراپ تۈرنى يولغا قويۇپ، مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش خىيالىنى قىلىشقا بولمايدۇ. فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەقىقىي ۋە راستچىل بولۇپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىش قىلىش ___ بۇ بۇرچتۇر.» پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا» ياردەم بېرىش كېرەك.

  9. مەدەنىيەت

  يىلتىز تارتقۇزۇپ، روھ بەرپا قىلىش، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بەرگەن يۈكسەك باھاسى. ئۇ تۆت ئاچقۇچلۇق سۆزنى تەكىتلىدى: بىرىنچىسى دەۋر، دەۋر تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچىسى خەلق، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىسى نادىر ئەسەرلەر، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە تەقدىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ تۆتىنچىسى گۈزەل ئەخلاق، گۈزەل ئەخلاق ئارقىلىق كەيپىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  10. يېزىلار

  خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسلىق قىلىپ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ، دېھقانلار» مەسىلىسى ئۈستىدە سۆز قىلدى. ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش، تۈزۈم كاپالىتى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تىلغا ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر