3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرى ئەتراپىدىكى ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىدە، «www تور ئاتىسى» تىم بېرنېرىس لى دۇنيا ئۇچۇر تورى (www) كەشىپ قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى 12-مارت دۇنيا ئۇچۇر تورى كەشىپ قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. «www تور ئاتىسى» تىم بېرنېرىس لى ۋە باشقا ئالىملار پۈتۈن دۇنيادىكى تەخمىنەن يېرىمدەك، تېخى تورغا چىقالمايدىغان نوپۇسلارنى تورغا ئۇلاپ، ئۇلارنىمۇ تور ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بەھرىمەن قىلىشنى مۇراجەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى