3-ئاينىڭ 13-كۈنى، نىگېرىيەنىڭ لاگوس شەھىرىدە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنى ئىزدىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، نىگېرىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى لاگوستا يۈز بەرگەن بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى ۋە قازا قىلدى، نۆۋەتتە يەنە نۇرغۇن ئادەم خارابىلىق ئاستىدا قاپسىلىپ قالدى.
نەق مەيداندا بىر قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇنىڭدا بىر كورپۇس ئۈچ قەۋەتلىك بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بۇ بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىكەن، شۇڭا قاپسىلىپ قالغانلار ئىچىدە بالىلار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە بىر قىسىم يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ.
نەق مەيداندىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا بىنا ئىچىدە نۇرغۇن ئادەم بار ئىكەن.
ھازىر قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋېتىپتۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى