باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئاشكارا پىكىر ئېلىپ، راك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، بالىلار كېسەللىكلىرى دورىلىرى قاتارلىقلار ئالدىن ئويلىشىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا كاتالوگى 6-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ

2019.03.14 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى «2019-يىللىق دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا كاتالوگىنى تەڭشەش خىزمىتى لايىھەسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى ھەمدە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. خىزمەت لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى 6-ئايدا، يېڭى نۇسخىدىكى دورا كاتالوگى بېسىپ تارقىتىلىپ، سۆھبەتلىشىدىغان دورا تىزىملىكى ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇ قېتىم كىرگۈزۈلىدىغان دورىلاردا، دۆلەت ئاساسىي دورىلىرى، راك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، بالىلار دورىلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئىشلىتىلىدىغان دورا قاتارلىقلار ئالدىن ئويلىشىلىدىكەن.

  خىزمەت لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتا دورىلىرى كاتالوگىنى تەڭشەش ئاساسىي پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە بولغان: فوند ئۈستىگە ئالالايدىغان ئاساستا، كىلىنىكىلىق قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كاپالەتلىك قىلىش يېتىشسىزلىكىنى تولۇقلاپ، كاپالەتلەندۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كاتالوگ دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ئاساسلىق كىلىنىكىلىق دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. غەربچە دورا ۋە جۇڭگو تېبابىتىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەلىرىگە ئاساسەن قاراتمىلىقى بولغان باھالاش چارىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غەربچە دورا ۋە تەييار جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرىنىڭ مىقدار قۇرۇلمىسى ۋە ئېشىش نىسبىتىنى بىر تۇتاش ئويلىشىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر