- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋەكىل چېن جيەنجۈن: يەردىن بىرىكمە ھالدا پايدىلىنىشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش كېرەك
2019.03.15 15:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ۋەكىل چېن جيەنجۈن مۇنداق دەپ قارىدى: يېزىلاردىكى 1-، 2- ۋە 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا، يېڭى كەسىپلەر ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتى تېز بارلىققا كېلىپ، يەردىن بىرىكمە پايدىلىنىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇش ۋە يەرنىڭ ھاسىلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، يەردىن بىرىكمە پايدىلىنىشنىڭ سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق قوللاش سىياسىتىنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئەسلىھەلەرنى ئايرىش كېرەك. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كېرەكلىك ئەسلىھە يېرىنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك يېرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك يېرى سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى قوللاش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، يېزا كەسىپ تۈرى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر