باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، قايتا ئاتلىنايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2019- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشىنى كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا

2019.03.15 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆمەك-گۇرۇپپىلىرىغا 6 قېتىم بېرىپ، 48 نەپەر ۋەكىل ۋە ئەزانىڭ سۆزىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى، ھەمدە دىققەتنى ئاساسىي زىددىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكنى كۆزدىن قاچۇرماي، نۇقتىلىق ۋەزىپىنى پىلانلىدى....

  يېقىندىن بۇيان، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2019- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئەزالار بىلەن كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

  ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتى، گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە مەركەزلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆزلەشتى، خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پىلانلىدى، فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش، ئىككى قىرغاق يۇغۇرما تەرەققىياتى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار ۋە مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىدە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسى ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھاكىمىسىدە، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىلمىي يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى...

  چوڭقۇر پىكىرلىشىپ، چۈشەنچە ۋە كۆز قاراش ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلدى؛ قىزغىن سالاملىشىپ، بىر نىيەتتە كۈچ مۇجەسسەملەندى.

  قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىش---

  «قانچە جاپالىق ۋاقىتتا، ئىرادىنى شۇنچە مۇستەھكەملەش كېرەك»

  ئىككى نەپەر ئاساسىي قاتلام ۋەكىلىنىڭ بايان قىلغان ھېكايىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

  خۇاڭ جيۇشېڭ بولسا، دابيېشەن كونا ئىنقىلابىي رايونىدىن كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋەكىلى. نەچچە يىلدىن بېرى، ئۇ كەنتىدىكى نامرات ئاممىنى يېتەكلەپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، 12 مىڭ ئادەم بۇنىڭلىق بىلەن ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن 4800دىن ئارتۇق نامرات نوپۇس يۇرتىدا كىچىك بىنا سالدى.

  «بىر ئائىلىدە ئۈچ ئەۋلاد، يەتتە جان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىدى. 70 نەچچە ياشلىق يەن چۈەنجۇڭ بۇ ئائىلىنىڭ چوڭى بولۇپ، ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: <باش شۇجى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق سۆزلىدى، مەن دوكلاتنى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىدىم، ئەگەر مەن ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىمىسام، باش شۇجىغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم، چۈنكى، پارتىيە بىز پۇقرالارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتتى>.»

  «شۇ چاغدا مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدىم. بىر ئاق چاچلىق بوۋاي، ئوقۇمىغان دېھقان، باش شۇجىغا ۋە پارتىيەمىزگە مۇشۇنداق چوڭقۇر ھېسسىيات رىشتىسىنى باغلىغان. . .»، سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، خۇاڭ جيۇشېڭنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى. ۋەكىللەر پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىماقتا ئىدى، بىر ئازدىن كېيىن، دەرھاللا قىزغىن ئالقىشلار ياڭراپ كەتتى.

  «سىز قايتىپ بېرىپ بۇ يولداشغا مېنىڭ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ!» - باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەلرايىنى ئىللىتىدىغان سۆزى ھەممەيلەننىڭ تېخىمۇ قىزغىن ئالقىشىنى قوزغىدى.

  (تولۇق تېكىستىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر