- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىلقى ئىستېمال بازىرى مۇقىم باشلاندى
ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %8.2 ئاشتى
2019.03.18 15:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقى بازار يۈرۈشتۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2019- يىلى ئىستېمال بازىرى مۇقىم باشلىنىپ، 1- پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ياخشى ئاساس سېلىندى.
بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1- ئايدىن 2 - ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 6 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلى 12- ئايدىكىسى بىلەن تەڭلەشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %7.1 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلى 12- ئايدىكىدىن 0 . 5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. بۇ سېلىشتۇرمىدىن قارىغاندا، 2- ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 1- ئايدىكىدىن %0.81 ئاشقان.
بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1- ئايدىن 2- ئايغىچە بولغان ئىستېمال بازىرىدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلگەن: مۇلازىمەت ئىستېمالىدا كۈچلۈك ۋەزىيەت كۆرۈلگەن. چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە، چاغانلىق تاماق، جەم بولۇش تامىقى، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلەر زىياپىتى قاتارلىقلارنىڭ ئىستېمالى قاتارلىقلار داۋاملىق جانلاندى، 1- ئايدىن 2- ئايغىچە مەملىكەت بويىچە يېمەك-ئىچمەك كىرىمى 725 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئېشىپ، تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سۈرئىتىدىن 1 . 7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. «شىمالغا بېرىپ قار-مۇز تاماشا قىلىش، جەنۇبقا بېرىپ ئىللىق ھاۋادىن بەھرىمەن بولۇش» ۋە ئەنئەنىۋى مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ساياھىتى قاتارلىقلار قىزىق ساياھەت تاللاشلىرىغا ئايلاندى. دۆلەت ساياھەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، چاغاننىڭ ئالتۇن ھەپتىلىرىدە، مەملىكەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 400 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئېشىپ، ساياھەت كىرىمى 51 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئىستېمالى ۋە ئۇچۇر ئىستېمالى بىر قەدەر تېز ئاشتى، چاغاننىڭ ئالتۇن ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە كىنو بېلەت كىرىمى 5 مىليارد 840 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى رېكورت يارىتىلدى؛ مەملىكەت بويىچە كۆچمە ئالاقە تورى ئېقىم مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 130 ئاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر