باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قارا دېڭىز توقۇنۇشىنى چۆرىدەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە رۇسىيەنىڭ سەككىز ئەمەلدارىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2019.03.18 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا ئىتتىپاقى 15-مارت، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بۇلتۇر قارا دېڭىزدىكى توقۇنۇش ۋەقەسىگە چېتىشلىق بولغان سەككىز رۇسىيە ئەمەلدارىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  جازالانغان سەككىز كىشى رۇسىيەنىڭ چېگرا ۋە ھەربىي تەرەپ ئەمەلدارلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۈچ ھەربىي پاراخوتىنىڭ قوماندانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دېيىشىچە، قارا دېڭىزدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تېخى پەسەيمىگەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، سەككىز ئادەمنىڭ مۈلكىنى توڭلىتىپ، سەپەرگە چىقىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش قارار قىلىنغان.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا قارا دېڭىز تۇقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن بۇيان، رۇسىيە تەرەپتىن 170 ئادەم ۋە 44 ئەمەلىي گەۋدە جازالانغان بولۇپ، جازالاش مۇددىتى ئاز دېگەندە بۇ يىل 9-ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

  رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 25-كۈنى قارا دېڭىزدا توقۇنۇشتى، ئىككى تەرەپنىڭ سۆزى بىردەك بولمىدى. رۇسىيە فېدراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە قىرىم چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرى: ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بەش پاراخوتى رۇسىيە تەرەپنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئىلگىرى-كېيىن كېرچ بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇندى، رۇسىيە تەرەپ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ « ئىغۋاگەرچىلىك»ىنى توستى، دېدى.

  ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىدە: ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى زەمبىرەكلىك پاراخوتى ۋە بىر سۆرىگۈچى كېمىسى شۇ كۈنى كېرچ بوغۇزى چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، قارا دېڭىزدىن ئازوۋ دېڭىزىغا كىرىشكە ئۇرۇندى؛ رۇسىيەنىڭ بىر ھەربىي كېمىسى ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ ھەربىي سۆرىگۈچى كېمىسىنى قەستەن سوقۇپ، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ بىر توپچى پاراخوتىغا ئوت ئېچىپ، ئالتە ئادەمنى يارىلاندۇردى؛ ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ پاراخوتى ۋە پاراخوتتىكى 20 ئادەمنى رۇسىيە تەرەپ تۇتۇپ قالدى، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر