باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش قەرز پۇل سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەم بېرىلدى

2019.03.18 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەنە بىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى كەلدى، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش قەرز پۇل تارقىتىش سالمىقىنى ئاشۇردى. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى 37 بانكىغا 2019-يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش ئۈچۈن قايتا بېرىلگەن قەرز پۇلدىن جەمئىي 4 مىليارد 680 مىليون يۈەن تارقىتىپ، بانكىلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قەرز پۇلى تارقىتىشتىكى مەبلەغ يېتىشمەسلىك بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك تولدۇردى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى چۇلۇقاي يېزىسى يۇقارقىتام كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىسى شىرئېلى مەمەتجان ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسى تېرىقچىلىق ئىدى. بۇ يىل ئۇ شۇ جايدىكى يېزا سودا بانكىسىدىن 10 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قەرز پۇلىنى قولغا كەلتۈردى.

  شىرئېلى مەمەتجان مۇنداق دېدى: «ئەتىيازدىن بۇيانقى بۇ مەزگىلدە تېرىلغۇ كۆلىمىنى يەنە كېڭەيتىپ، قولۇم بىرئاز قىسقا بولۇپ قېلىپ، مەبلەغ يېتىشەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ تۇرغان ئىدىم، ھېلىمۇ ياخشى بىزنىڭ بۇ يەردىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىى يەردەم قىلدى، قەرز ئېلىپ ئۇرۇقلۇق قوناق، خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋالدىم، قالغىنىنى يەنە ماشىنىدا تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن».

  2018-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل سىياسىتى قورالىنىڭ يۆنىلىشلىك تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن يېزا ئىگىلىكىگە قايتا بېرىلىدىغان قەرز پۇل تارقاتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كىرېدىت مەخسۇس پوكىيى تەسىس قىلىشىنى قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ «يېشىل كارىدورى» ئېچىپ، قەرز ئېلىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى قىسقارتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قەرز پۇللىرىنىڭ ۋاقتىدا تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، تارماق بانكا يېزا ئىگىلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر قەرز تارقىتىپ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن جەزملەشتۈرۈپ، تېرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى؛ نامرات رايونلاردىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش مەبلەغ ئېھتىياجىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  2019-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل قالدۇقى 721 مىليارد 40 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 5 مىليارد 60 مىليون يۈەن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىشتىكى «ئاساسىي قوشۇن» بولغان شىنجاڭ يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى 2018-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدىن بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دېھقانلارغا جەمئىي 38 مىليارد 700 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليارد 90 مىليون يۈەن ئاشقان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر