سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە سۈرەتكە تارتىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى كېڭىشىنىڭ 34-قېتىملىق قەرەللىك يىغىنى نەق مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى كېڭىشى 15-مارت ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەسئۇل ئورگىنىنىڭ بۇ يىل تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ۋە بىرلەشمە چېگرا مۇداپىئە ھەرىكىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى