باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

135 مىڭ ئىش ئورنى پەقەت ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنلا مەخسۇس تەمىنلىنىشكە ساقلاپ تۇرماقتا

2019.03.14 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ بېيجىڭ رايونىدا تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «بېيجىڭ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ 2019- يىللىق مۇلازىمەت ئېيى ۋە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنىڭ 2019- يىللىق پائالىيىتى» بۈگۈن رەسمىي باشلاندى. پائالىيەت مەزگىلىدە، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ھەر خىل ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان 130 مەيداندىن كۆپرەك مۇلازىمەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار 9000دىن ئاشىدۇ، تەمىنلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى 135 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، پائالىيەت 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، «سۇپا ھازىرلاپ، دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىنغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتى بولسا، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ 2019- يىلى بېيجىڭ رايونىدا تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇلازىمەت نىشانى يەنە ئىلگىرىكى يىللاردا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ مەكتەپلەردىن ئايرىلىپ، تېخىچە ئىشقا ئورۇنلىشالمايۋاتقان بېيجىڭلىق ئوقۇغۇچىلارغىمۇ يۈزلەنگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان بۇ يىلقى مۇلازىمەت ئېيى پائالىيىتىدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ تۇرۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ مەكتەپلەردە تەكلىپ قىلىشتەك كۆپ مەيدان ۋە كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تيەنجىن - خېبېي رايونىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ھەر خىل ئورۇنلارنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋە ئەلا ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ قولايلىق ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بولغان ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر