باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا تەجرىبە مەكتىپىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

2019.03.18 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى يېقىندا چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە مەكتىپى ئاشخانىسىنىڭ يېمەكلىك سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاشخانىنىڭ باشقۇرۇشىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقى ۋە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلغان بولۇپ، بۇ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، چېڭدۇ شەھىرى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 17- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە مەكتىپىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  سىچۈەن يۈەنكۇن گوكې سۈپەت تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، ھەمدە نەق مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ بېكىتىشى ۋە گۇۋاھلىقىدا، چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە مەكتىپىدىن نەق مەيداندا يىغىپ ئېلىنغان 18 تۈركۈم يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئەۋرىشكىسى ئىچىدىكى پىنتوزا ئەۋرىشكىسىدە پاختىلىشىش دېغى بار ئىكەنلىكى بايقالغان. دېمەك، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىنىڭ باشقۇرۇشى لاياقەتسىز چىققان، قالغان 17 ئەۋرىشكىگە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە ھازىرچە مەسىلە بايقالمىغان، يەنە 3 تۈركۈم ئەۋرىشكىنىڭ سالمونېللا باكتېرىيىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى 18- چېسلا ئەتىگەندە دەسلەپكى قەدەمدە ئېلان قىلىنىدىكەن.

  چېڭدۇ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خې شىن چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە مەكتىپىنىڭ يېمەكلىك ئەھۋالىنىڭ تەكشۈرۈلۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. سىچۇەن دېيۈ ئارقا سەپ تەمىنات مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ يېمەكلىك ماتېرىياللىرى دې يوۋكاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق مال تەمىنلىگۈچى تۆت تىجارەت سودىگىرى تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شۇ لاياقەتسىز پىنتوزىلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىنىڭ ئەسلىدە چېڭدۇ شەھىرى پىدۇ رايونى چىڭچۈەن پىنتوزا زاۋۇتى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇ تۈركۈمدىكى پىنتوزىلارنىڭ تەمىنلەنگەن ۋاقتى 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىكەن، شۇ كۈنى تەمىنلەنگەن بەش تۈركۈم پىنتوزىنىڭ ئېغىرلىقى جەمئىي 150 جىڭ بولۇپ، بۇنىڭدىن 105 جىڭى ئىشلىتىلگەن، 45 جىڭى تېخى ئىشلىتىلمەي ئېشىپ قالغان. ھازىر شۇ قالدۇق پىنتوزا پۈتۈنلەي پېچەتلەندى، ھەمدە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈشكە قويۇلدى.چېڭدۇ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شيې چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 3- ئاينىڭ 13- كۈنى چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە مەكتىپىدىكى 36 نەپەر ئوقۇغۇچى قورساق ئاغرىشتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى بارلىقىدىن شىكايەت قىلىپ داۋالانغاندىن كېيىن، شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا شەھەرلىك ۋە رايونلۇق ئىككى دەرىجىلىك "كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى" كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى نورمال چىقتى، ئۇلارنىڭ مەقئەت سۈرتۈشتىن ئېلىنغان كېسەللىك مەنبەسى ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈش نەتىجىسى ۋە ئەۋرىشكە قالدۇرۇپ يېمەكلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىلىرى مەنپىي چىقتى. دېمەك، كېسەل كۆرسەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك تارىخى ۋە كىلىنىكىلىق ئىپادىسى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان ئۇنىۋېرسال تەھلىلدىن، ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن بولغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ، دەپ خۇلاسە چىقىرىلدى.

  چېڭدۇ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 3- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 20 گىچە، چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە مەكتىپىدىن جەمئىي 929 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈچ ئا دەرىجىلىك ئالتە دوختۇرخانىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 852 نەپەر ئوقۇغۇچى سالامەتلىك تەكشۈرۈتكەن ۋە 77 نەپەر ئوقۇغۇچى كېسەل كۆرسەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلگەن، يەنە 14 ياشلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ جىددىي خاراكتېرلىك سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالانغان. ئۇ ئوقۇغۇچى پات ئارىدا دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدىكەن؛ سەككىز ياشلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قورساق ئاغرىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭدا نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەن، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ 17- چېسلا دوختۇرخانىدىن چىقىشى مۆلچەرلەنگەن؛ 11 ياشلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدا ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنى ياللۇغى ئالامىتى باركەن، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، داۋالاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھازىر ياخشى بولغان، ئۇمۇ پات ئارىدا دوختۇرخانىدىن چىقىدىكەن. يەنە بىر نەپەر يەتتە ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى سەۋەبىدىن ئاسما ئوكۇل سالدۇرغان بولۇپ، ئۇ 17 سائەتتىن كېيىن دوختۇرخانىدىن ئايرىلغان. قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە روشەن ھالدىكى نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەن.

  ھازىر توردا تارقىلىۋاتقان گەپ-سۆزلەرگە قارىتا، يەنى، شۇ ئوقۇغۇچىلاردا ھازىر ھورمۇننىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشى، قان تۈكۈرۈش ۋە بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت، دەپ تارقىلىۋاتقان گەپ-سۆزلەرگە قارىتا، شيې چياڭ مۇنداق دېدى: بىز تېخى 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈلۈش جەريانىدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا بىرەر دوكلات تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق. تەكشۈرۈش جەريانىدا، بەزى ياش-ئۆسمۈرلەردە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالدى، مەسىلەن، ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنى ئىششىش دېگەندەك. نۆۋەتتە پەقەت بىر ئوقۇغۇچىغىلا ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنى ياللۇغى ئالامىتى باركەن، دەپ دىئاگنوز قويۇلدى.

  چېڭدۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى دەي دېجۈن توردىكى يالغان ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. شۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە مەكتىپىنىڭ تور بېتىدە تارقالغان ئۇچۇرلارنىڭ، يەنى،"ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە بېرىپ بىر ئاي يوشۇرۇن ئىشلىدى، مەكتەپ ئاشخانىسى ئوقۇغۇچىلارغا چىرىگەن يېمەكلىكلەرنى يېگۈزدى، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى، ئاتا-ئانىلار بىنادىن سەكرەپ قازا قىلدى." دېگەندەك ئۇچۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان. مۇناسىۋەتلىك دېلولار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پاش قىلىنماقتا ئىكەن.

  چېڭدۇ شەھىرى ۋېنجياڭ رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋېن x x قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ ۋەقەنى كېڭەيتىپ، مەكتەپكە بېسىم ئىشلەتكەنلىكى، ئۇ ئۈچ كىشىنىڭ يەنە 3- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 22لەردە، چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە مەكتىپىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئاشخانىسىغا مەجبۇرىي بېسىپ كىرىپ، قىسمەن يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى يىرتىۋېتىپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاشلاپ ۋە دەسسىۋەتكەنلىكى، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە يېمەكلىك ماتېرىيالىنى چېچىۋەتكەنلىكى ھەمدە قەستەن سۈرەتكە تارتىپ ۋە سىن ئارقىلىق تورغا چىقارغانلىقى قاتارلىقلارنى ئېنىقلىغان. ھازىر يۇقىرىقى ئۈچ كىشىنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىپتۇ.

  ۋېنجياڭ رايونىنىڭ باشلىقى ما لېخۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر بىز چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە مەكتىپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سەككىز تۈرلۈك تەدبىر قوللاندۇق. بۇ تەدبىرلەر بولسا، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى جايىدا بولمىغان مەكتەپ قۇرغۇچى، چېڭدۇ گاۋدا مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە مەكتەپنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش؛ گاۋدا مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنلۇق مەكتەپ مۇدىرىيىتىنى قايتا تەشكىللەشكە بۇيرۇش؛ جياڭخۇڭنىڭ چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ۋە چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشلىقىنىڭ ياردەمچى ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىش ھەمدە ئۇنىڭغا يېڭىدىن مەكتەپ مۇدىرى نامزاتىنى تاللاپ ئەۋەتىش؛ مەكتەپنى مەكتەپ مۇدىرى ھەمراھ بولۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بۇيرۇش؛ ئاتا-ئانىلار ھەمراھ بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر