باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇرمەنلەر ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى، مۇخبىر بۇ خىل ئەھۋالغا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى :

كىملىكى باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلسە، قانداق قىلىش كېرەك؟ (خەت-چەكلەرنى تەكشۈرۈش)

گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى شى يىچى ۋۇ يۆ

2019.03.18 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇاڭ خانىمنىڭ شىركىتى يوق، شۇڭا ئۇ ھېچقاچان شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ باقمىغان، لېكىن، كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۇنىڭ نامى «باجدىن قېچىش قارا تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلۈپ قالغان ھەمدە «قانۇنىي ئىگە» قىلىپ قويۇلغان

  بۇ يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، جياڭسۇنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدىكى خۇاڭ خانىم ئەتىگەندىلا شاڭخەي پۇدۇڭ ئايرودرومىغا بېرىپ، كاناداغا بېرىپ ئۇ يەردە ئوقۇۋاتقان قىزىنى يوقلىماقچى بولغان. تاموژنىدىن چىقىدىغان چاغدا، ئۇنىڭغا چېگرادىن چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. سەۋەبى بولسا، خۇاڭ خانىم مەلۇم شىركەتنىڭ قانۇنىي ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن باجدىن قاچقان، بېيجىڭ شەھەرلىك باج ئىدارىسى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، ئۇنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى چەكلىگەن. خۇاڭ خانىم ئۆزىنىڭ 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم كىملىكىنى يىتتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا تولۇقلاپ بېجىرگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇنىڭغا يەنە بۇ قېتىم شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بۇ، خۇاڭ خانىمنىڭ كىملىكىنىڭ يىتۈپكەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مومكىن.

  يېقىندا، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرغاندا، مەسىلىنى يېتەكچى قىلىپ، «كەڭچىلىك قىلىپ قاتتىق باشقۇرۇش» تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «مەملىكەت بويىچە كارخانىلارنى تىزىملاش سالاھىيىتىنى باشقۇرۇشتىكى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن دەلىللەش سىستېمىسى» قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «تىزىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» ۋە «مەجبۇرىي رويخەتتىن ئۆچۈرۈش»نى باشقۇرۇش چارىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، باشقىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئالداپ ئىشلىتىۋېلىش ۋە باشقىلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىشتەك بۇنداق مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەسلەتمە:

  ئۆز كىملىكىڭىزنى ئىمكانقەدەر ياخشى ساقلاڭ، ناۋادا يىتتۈرۈپ قويسىڭىز، سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىڭىز بەلكىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلىشى مۇمكىن. ناۋادا شۇنىڭدەك «قانۇنىي ئىگە» ۋەقەلىرى سادىر بولسا، ئالدى بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، ئاندىن تېزلىكتە ئالاقىدار ماتېرىياللىرىڭىزنى ئېلىپ، تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە باج ئىشلىرى تارماقلىرىغا بېرىپ ئىسپات رەسمىيىتىنى ئۆتەپ، ئالاقىسىز شىركەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز يوقلۇقىنى ئىمكانقەدەر تېز ئىسپاتلاڭ.

  ھەر قايسى جايلارنىڭ سىياسىتى بەلگىلىك تۈردە ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەندە، شۇ جاينىڭ رايون خاراكتېرلىك سىياسەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، ئالدىنئالا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئىگىللەڭ.

  ياڭ ئەپەندى ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى بىلەن پويېز بېلىتى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئورگان ھېسابات نومۇرىغا تىزىملىتالمىغان

  12306 ھېسابات نومۇرى «باشقىلار تەرىپىدىن تىزىملىتىۋېلىنغان»ياڭ ئەپەندى كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ھېسابات نومۇرى ئېچىپ تىزىملاتقاندا، سىستېمىدا «بۇ كىملىك ئاللىقاچان تىزىملىتىپ بولۇندى» دېگەن ئەسكەرتمە چىققان. ياڭ ئەپەندى بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان، چۈنكى ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى «تۆمۈريول 12306» سىستېمىسىغا تىزىملىتىپ ھېسابات نومۇرى ئېچىپ باقمىغان ئىدى.

  ئەسكەرتىش كۆزنىكىدە يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «راست ئۆزىڭىز تەرىپىدىن تىزىملىتىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈڭ، ناۋادا ئۆزىڭىز تىزىملاتقان بولسىڭىز، ئەسلىدىكى تىزىملاتقان ھېسابات نومۇرىڭىز بويىچە ئېچىڭ. ناۋادا ئۆزىڭىز تىزىملاتمىغان ھېسابات نومۇرى بولسا، كىملىكىڭىزنى ئېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى تۆمۈريول ئىستانسىسى مۇلازىمەت كۆزنىكىگە بېرىپ، كىملىكىڭىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تىزىملىتىۋېلىنغانلىقىنى بىكار قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىڭ، بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ياكى بولمىسا 12306 قا تېلېفون ئۇرۇپ مەسلىھەت سوراڭ».

  ياڭ ئەپەندم شۇندىلا ئۆزىنىڭ كىملىك نومۇرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تىزىملىتىۋېلىنغانلىقى، لېكىن ئۆزىنىڭ ھېچنىمىنى تۇيمىغانلىقىنى بىلدى.

  ئەسكەرتمە:

  ناۋادا شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا يولۇقسىڭىز، ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى «تۆمۈر يول 12306» يانفون تېرمىنالىنى چۈشۈرۈپ، بەتنىڭ ئاستىدىكى «مېنىڭ» دېگەن سەھىپىدىكى «ھېسابات نومۇرىنى بىكار قىلىش»نى تېپىپ، ھېسابات نومۇرىنى بىكار قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بىكار قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنىڭ كىملىك نومۇرىڭىز بىلەن باغلىنىشلىق سۇپىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى يۇيۇۋەتكىلى بولىدۇ، ئارقىدىن 12306 ھېسابات نومۇرىڭىزنى قايتىدىن نورمال تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.

  ھېسابات نومۇرىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى 12306 ھېسابات نومۇرىنى قايتا تاپقىلى بولمايدۇ.

  بېيجىڭدا ئىشلەيدىغان چى ئەپەندى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى يەنە بىر شىركەتتىمۇ «ئىشلەيدىغانلىقىنى» بىلدى

  شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئۇچۇرى باشقا شىركەتكە تىزىملىتىۋېلىنغان

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان ئۇچۇرنى تىزىملىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدا تۇرۇشلۇق چى شى (ئۆزگەرتىلمە ئىسمى) دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ يولغا قويغان «شەخسىي تاپاۋەت بېجى» APP دېتالىنى تېلېفونىغا چۈشۈرگەن. ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى، «خىزمەت ئۆتىگەن ئۇچۇرى» تىزىملىكىدە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورۇنىدىن باشقا، يەنە بىر «قورغاس ۋەنجۇڭ خۈەنتېڭ كىنوچىلىق مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى»دە ئىشلەيدىغانلىق ئۇچۇرى كۆرۈلگەن.

  ئەسكەرتمە:

  ناۋادا ئىلگىرى ئىشلىگەن ئورۇن بولسا، «شەخسىي تاپاۋەت بېجى» APP دېتالىدىكى «خىزمەت ئۆتىگەن ئۇچۇرى»دا شۇ شىركەتنى بېسىپ تۇرۇپ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ئورۇندىكى «ئەرز قىلىش»نى تاللاپ، «بۇرۇن ئىشلىگەن» دېگەن تاللاشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. باج تارماقلىرى سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى شۇ شىركەتكە ئىنكاس قىلىدۇ.

  ناۋادا ئەزەلدىن ئىشلەپ باقمىغان بىر شىركەتتە ئىشلىگەنلىك ئۇچۇرى كۆرۈنگەن بولسا، «ئەزەلدىن ئىشلەپ باقمىغان» دېگەن تاللاشنى بېسىپ، ئەھۋالنى شۇ شىركەتكە مەسئۇل باج ئورگانلىرىغا ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ. باج ئورگانلىرى ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  شۇغىنىسى ئېنىقكى، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ مەنبەسى بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، كىملىك ئىگىسى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ياخشى ساقلىمىغان، يىتۈپ كېتىپ قالسا، ئۇ سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن دېرەك بېرىشىمۇ مۇمكىن. ھەم شۇنداقلا، بىز كىملىك ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاممىغا ئارتىپ قويساقمۇ بولمايدۇ، ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل، بىراق بىر نۇقتىنى جەزم قىلىشقا بولىدۇكى، ئامما ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىككە قېلىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر