باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

«گوۋۇيۈەننىڭ بىر قىسىم مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى

2019.03.19 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «قارار»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»، «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا تەستىقلانغان «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى لايىھەسى» ھەمدە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن 49 مەمۇرىي قانۇن-نىزامنىڭ قىسمەن ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى جەھەتتە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا، بىرىنچى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىمپورت-ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى نىزامى، تالون باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىق 29 مەمۇرىي نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى؛ ئىككىنچى، جامائەت مۇلازىمىتى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى، قۇربان بولغانلارنى تەقدىرلەش نىزامى قاتارلىق سەككىز مەمۇرىي نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى؛ ئۈچىنچى، تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامى قاتارلىق تۆت مەمۇرىي نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى؛ تۆتىنچى، ماكرولۇق باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇۋاپىق سەپلەش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى قاتارلىق تۆت مەمۇرىي نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى جەھەتتە، بىرىنچى، قىسمەن مەمۇرىي ئىجازەتلەر بىكار قىلىندى. توك تەمىنلەش ۋە ئىشلىتىش نىزامى قاتارلىق 14 مەمۇرىي نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، توكچىنىڭ تور مەشغۇلاتى ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىش قاتارلىق 15 خىل مەمۇرىي ئىجازەت تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورتى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ خەلقئارا كېمە-پاراخوت تىرانسپورتىغا مەبلەغ سېلىش، تىجارەت قىلىش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك كەسىپ تەستىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. يول تىرانسپورت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 4.5 توننا ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ئادەتتىكى مال توشۇش كەسىپكارلىق سالاھىيەتنامىسى ۋە قاتناش ۋاسىتىسى تىجارەتلىك گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىندى.

  ئىككىنچى، تەستىقلاش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلدى. گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تازىلىق نازارەتچىلىك نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى؛ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مەمۇرىي ئىجازىتى بىلەن گىرىم بۇيۇملىرى سەھىيە مەمۇرىي ئىجازىتىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت بىرىكتۈرۈلدى. كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەرنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى ۋە شېرىك كارخانىلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى؛ تىجارەت كىنىشكىسىنى گېزىت-ژۇرناللاردا ئىناۋەتسىز قىلىش باياناتىنى ئېلان قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  ئۈچىنچى، چەتكە چېتىشلىق تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش مۇھىتى ياخشىلاندى. تېخنىكا ئىمپورت- ئېكسپورتىنى باشقۇرۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، تېخنىكا ئىمپورت توختامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە تېخنىكىنى ياخشىلاش نەتىجىسىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى قاتارلىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىۋېتىلدى. جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى ئادەتتە 10 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىك قاتارلىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىۋېتىلدى.

  تۆتىنچى، ئالاقىدار ئىسپات چىقىرىش ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بالا بېقىۋېلىشنى تىزىملاش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، بېقىۋالغۇچىنىڭ تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان، بېقىۋالغۇچى تۇرۇشلۇق ئىدارە- ئورۇن ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى چىقىرىدىغان پەرزەنتى بار - يوقلۇقى ئىسپاتى قاتارلىقلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر