باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەممىسى شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن

2019.03.19 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى دەل ئەڭ چوڭ ئىنسانىي ھوقۇقتۇر.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلار ۋە پاكىتلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

  بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرمىغاندا، ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان، تېررورچى كۈچلەرنىڭ قاتمۇ قات تەسىرىگە ئۇچراپ، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىززىتىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنىڭ رېئال تەھدىتىگە قارىتا شىنجاڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق تۈپ ھوقۇقلىرىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى.

  قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلىنى قوللىنىش شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى. كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىش، ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى جىددىي تەلىپىگە قارىتا، شىنجاڭ «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە ھەم پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغدىدى، يەنە ھەرخىل شەكىلدىكى تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىپ، دىندىن پايدىلىنىپ ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تارقىتىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى چەكلىدى.

  كەڭچىلىك قىلىش- قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش- تەربىيە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش − شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى پايدىلىق تەجرىبىلىرىدۇر. شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىللە، مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاش، قانۇنچىلىق تەشۋىقات تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە كەسپىي تېخنىكا مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى تەسىس قىلىپ يۆلەش، مائارىپ قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى. بىر تەرەپتىن، يېنىك جىنايى قىلمىشى ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بار خادىملارنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىپ، تېررورىزمنىڭ، ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلاپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، بىخ ھالىتىدە تىرىشىپ يوقاتتى؛ بىر تەرەپتىن، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى.

  ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش − ئىنسانىي ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاشتۇر. تېررورىزم، ئەسەبىيلىك ھازىرقى دۇنياۋى زور ئىجتىمائىي ئاپەت بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئېغىر تەھدىت سالماقتا، دۇنيا خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە. تېررورىزمغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش − خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى − خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن.

  ھەممىسى شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن. ئىلگىرى قىلغانلىرىمىز، ھازىر قىلىۋاتقىنىمىز، كەلگۈسىدە قىلىدىغىنىمىزنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ خەلقىنىڭ نورمال ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ خەلقىنى كەڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن قىلىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، ئاۋات، باي، مەدەنىي، يۈكسەلگەن، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش ئۈچۈندۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر