- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئائىلىدىكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلار ھەقسىز يىغىۋېلىنىدۇ
2019.03.19 15:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنى يىغىۋېلىش مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى يېقىندا،"ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنى ھەقسىز يىغىۋېلىش"نىڭ يېڭى بىر يىلدىكى پائالىيىتىنى باشلىدى. پائالىيەت مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە بېيجىڭ قاتارلىق 28 نۇقتىلىق شەھەردىكى ئاھالىلەر توردا بەلگىلەنگەن دورىخانىلارغا بېرىپ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنى يىغىۋېلىشقا تاپشۇرسا ياكى ئالماشتۇرسا بولىدۇ. چىقىمدان ۋە يان تېلېفونىڭىزنىڭ تاۋباۋ APPسىدا ئىككىلىك كودنى "سايىلەش" ئارقىلىق، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىنى ئۆيىڭىزگە كېلىپ ھەقسىز يىغىۋېلىشقا چاقىرسىڭىز بولىدۇ.
پائالىيەت 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئوراپ-قاچىلانغان پېچىتى تېخى بۇزۇلمىغان، ئەمماۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنىڭ (ئوكۇل دورىسى ۋە سۇيۇقلۇق تۈرىدىكىلەر بۇنىڭ سىرتىدا) ھەممىسىنى يىغىۋېلىشقا تاپشۇرۇشقا بولىدۇ. يىغىپ كېلىنگەن ئۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلار ھىم ئورىلىپ، يىغىۋېلىش نۇقتىسى ۋە يىغىۋېلىش ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئەسكەرتىلگەندىن كېيىن، كېرەكسىز نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش سالاھىيىتى بولغان زاۋۇتقا مەركەزلىك ھالدا توشۇلىدۇ. ئۇلارنى كەسپىي خادىملار بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە 1200 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىقلىقتىكى قىزدۇرۇپ گازلاشتۇرۇپ كۆيدۈرۈش ئوچىقىغا سېلىنىپ زىيانسىزلاندۇرۇلۇپ كۆيدۈرۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر