خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، تاڭ شەپىقى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى خالىس نازارەتچىلىرى مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق ئېتىش جەريانىنى سۈرەتكە ئالماقتا. بۇ يىل ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى تاڭ شەپىقى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. مەكتەپ «بىخەتەر ئاشخانىسى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن، تاڭ شەپىقى باشلانغۇچ مەكتىپى ئاشخانا تىجارىتى قىلغۇچى تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىچىدىن ئاشخانا خىزمەتچى خادىملىقىغا تەكلىپ قىلدى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى خالىس نازارەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش، تاماق پىشۇرۇش قاتارلىق ھالقىلارنى نازارەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق يېيىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى