خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان زۇڭتۇڭى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 19- چېسلا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى .
نەزەربايېۋ شۇ كۈنى خەلققە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەندە، 3- ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، قازاقىستان دۆلەت رەھبىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى توكايېۋ ۋاكالىتەن ئادا قىلىدۇ. زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، نەزەربايېۋ يەنىلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە «ۋەتەن نۇرى» خەلق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولىدۇ.
نەزەربايېۋ بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىلگىرى قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي سوۋېت رەئىسى، قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1991- يىلى 12- ئايدا، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭىلىققا سايلانغان، كېيىن تۆت قېتىم ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى