باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى

2019.03.19 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 18- مارت «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى (تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.)

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: تېررورلۇق بولسا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق زەربە بېرىدىغان ئوبيېكتتۇر. تېررورچى كۈچلەر زورلۇق ئىشلىتىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە قورقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا ئېغىر تەھدىت سالدى. ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشى كىشىلەردە زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىشىلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقلارغا بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ، پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىل مابەينىدە، جۇڭگو شىنجاڭ رايونى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان-تېررورچى كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش نەتىجىسىدە، ئۇ جايدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ۋەقەلەر شۇ جايدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زور زىيان يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى. تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، شىنجاڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بولسا، سوتسىيالىستىك ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىدۇر. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇ، ب د ت نىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش نىشانى، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن كىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر