باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئاۋازسىز ئاشخانىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز»

2019.03.20 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇكان باشلىقى ۋەن شۆخۇا (ئوڭدىن ئىككىنچى) دۇكان خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە قول ئىشارىتى ئارقىلىق پاراڭلىشىپ كۈلۈشمەكتە (8-مارت تارتىلغان).

  جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى رۇڭمېن يولى كوچىسىدا بىر «تىنچ» ئاشخانا بار، دۇكانغا كىرسىڭىز، تونۇش بولغان «قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىيالمايسىز، خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدىغىنى بولسا ئىللىق كۈلكە ۋە قول ئىشارىتى تىلى. ئاشپەز، كاسسىر ۋە دۇكان باشلىقىدىن باشقا، بۇ يەردىكى كۆكتات يۇيۇش ئىشچىسى، قاچا يۇغۇچى، قورۇما توشۇغۇچى ۋە مۇلازىملارنىڭ ھەممىسى گاس-گاچا كىشىلەر. بۇ «جۈفۇتاڭ» دەپ نام قويۇلغان جياڭشىچە تائاملار ئاشخانىسى مېھمانلار تەرىپىدىن «تىنچ ئاشخانا» دەپ ئاتالغان.

  «تۇنجى كۈنى ئىشقا چۈشكىنىمدە، مېھمان كىرىپ كەلدى، مەن دەرھال ئالدىغا بېرىپ سالام قىلدىم، لېكىن بۇرۇن مۇلازىمەت قائىدە-يوسۇنلىرىنى مەشىق قىلىپ باقمىغان بولغاچقا، ھەر خىل ئىشارەتلەر بىلەن مەقسىتىمنى ئۇقتۇرۇشۇمدىن مېھمانلار چۆچۈپ كەتتى.»

  بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن جوۋ تىڭ قەغەزگە ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشقا بارغاندىكى «سەتلەشكەن ئىشىنى» يېزىپ، ئىختىيارسىز ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ كۈلۈپ كەتتى. بىر يېرىم يىل ئىلگىرى، ئاشخانا ئەمدىلا تىجارەت باشلىغان بولۇپ، ئۇ، ماۋ شۇئەي، لياۋ شىياڭگو، شيوڭ چاڭ، رېن شيەنگاڭ، چېڭ چىنچىن بىلەن بىللە خىزمەتكە چۈشكەن. ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدا ئۇلار ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، چۈنكى ئاۋازنى ئاڭلىيالماسلىقى سەۋەبىدىن، قورۇما توشۇشقا مەسئۇل لياۋ شياڭگو ۋە شيوڭ چاڭ دائىم قورۇمىنى ئايرىمخانىغا خاتا ئاچىقىپ قوياتتى؛ مېھمان كۈتۈشكە مەسئۇل جوۋ تىڭ، ماۋ شۇئەي ۋە چېڭ چىنچىن مېھماننىڭ دېگەن سۆزىنى دائىم خاتا چۈشىنىۋالاتتى؛ قاچا يۇيۇشقا مەسئۇل بولغان رېن شيەنگاڭ دائىم چىنە-تەخسىلەرنى چېقىپ سالاتتى. يېرىم يىل جەريانىدا، 300 تال قاچىنى چېقىپ بولدى، دۇكان غوجايىنى چىنە-تەخسىلەرنى قايتىدىن ئالماشتۇردى. . .

  بۇ «كىچىك ئىش»لار دۇكان باشلىقى ۋەن شۆخۇانىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە. يېمەك-ئىچمەك كەسپىدە تەجىرىبىسى يوق ۋەن شۆخۇا «قىيىنچىلىق ئەندىزىسى»گە رىقابەت ئېلان قىلدى. ئاشخانا دەسلەپ ئېچىلغاندا، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، گاھىدا ئۇ پۇت-قولىنى تەڭ ئىشلىتىپ مەقسىتىنى چۈشەندۈرەتتى، گاھىدا كانىيى بوغۇلۇپ قالغىچە ۋارقىراپ چۈشەندۈرەتتى، بىراق گاس خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ مەقسىتىنى يەنىلا ئاڭقىرالمايتتى. بۇ قىيىن مەسىلە ئالدىدا، ھېچبىر كىشى قىيىنچىلىقتىن قورقمىدى، ۋەن شۆخۇا دەسلەپتە قەلەم-قەغەز ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، كېيىنچە تەدرىجىي ھالدا قول ئىشارىتى تىلىنى ئىشلىتىشنى بىلدى. پاراڭلىشىشنىڭ بارغانسېرى راۋان بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇ گاس خىزمەتچىلەرنىڭ قەيسەرلىكى ۋە ئاق كۆڭۈللۈكىدىن تەسىرلەندى، خىزمەتچىلەرمۇ ئۇنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يەتتى. ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئۆزئارا كۆنۈشتىن كېيىن، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق بارغانسېرى قويۇقلاشتى، بەزىدە پەقەت بىر كۆز ئىشارىسى، بىر ھەرىكەت ئارقىلىقلا، شۇ ھامانلا قارشى تەرەپنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنەلەيدىغان بولدى، بىر-بىرىگە ماسلىشىش ھەقىقىي ئىشقا ئاشتى.

  «ھەر بىر ھەمراھىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۇلارنىڭ ئېسىدە ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ سوۋغا تەييارلىشىدۇ.» ۋەن شۆخۇا ئادەتتە خىزمەتچىلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك، ئىچىملىكلەر ۋە كەيپىياتىدىن ئۆزئارا بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇلارنىڭ قەلبى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھەتتا ئاز ساندىكى مېھمانلارنىڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىشىغا دۇچ كەلسىمۇ، يەنىلا كۈلۈمسىرەش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ؛ ناۋادا مېھمانلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىپ قالسا، قول ئىشارىتى ئارقىلىق «بەخت» سۆزىنى سىزىپ، قارشى تەرەپكە قايتۇرىدۇ. بۇ گۈزەل پەزىلەت تاماق يىگىلى كەلگەن مېھمانلارنى تەسىرلەندۈردى، بەزى ئاتا-ئانىلار ئالايىتەن بالىلىرىنى ئېلىپ تاماق يېگىلى كېلىدۇ ۋە قول ئىشارەت تىلىنى ئۆگىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ، بالىلارغا مۇستەقىل بولۇپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تەربىيە قىلىدۇ. ئۈنسىز پاراڭ ئىچىدە، بۇ ھەر يەردىن كەلگەن خىزمەتچىلەر ئەڭ گۈزەل كۈلكىسى بىلەن، ھەر بىر مېھماننىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قارشى ئېلىپ، كىشىلەرگە ئىللىقلىق ۋە بەخت تىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر