باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي بايانى

2019.03.19 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىستىل مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ مايىللىقىغا، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2019-يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  پۈتۈن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بۇ ئۇقتۇرۇش پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شەكىلۋازلىققا، بىيۇروكراتلىققا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قەتئىي قوغدايدىغان» مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يىل. شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كادىرلارنى بەزى ئورۇنسىز ئىشلاردىن ئازاد قىلىپ، كەڭ كادىرلارنى زېھنىنى ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، تىرىشىپ ئىشلەپ خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا، جۇڭگو تەرەققىياتىدا شانلىق سەھىپە يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  بۇ دەل جايىغا بارغان، سالمىقى مەزمۇت ئاگاھلاندۇرۇش

  «ئىزنى باشقۇرۇش» بىر قەدەر ئومۇملاشقان، لېكىن «ئىز»غا ئەھمىيەت بېرىپ، «نەتىجە»گە سەل قاراش، «ئىز قالدۇرۇش»، «كۆڭۈل قويماسلىق»؛ تەكشۈرۈش، باھالاش تۈرى بەك كۆپ بولۇش، چاستوتىسى يۇقىرى بولۇش، نەچچە تەرەپتىن قايتىلاش؛ «ھۆججەت-يىغىن دۆۋىسى» قايتىدىن ئەۋج ئېلىش …

  2018-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، كادىرلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئىگىلەپ، نۇرغۇن زېھنىنى سەرپ قىلىۋاتقان، يەنە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەرنى دەل جايىدا كۆرسەتتى.

  «بۇنداق ھالەتنى چوقۇم ئۆزگەرتىش لازىم»، «كادىرلارنى بەزى ئورۇنسىز ئىشلاردىن ئازاد قىلىش كېرەك»...، بۇ كۈچلۈك سۆزلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭقۇر ھېسىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ئۈستىدە مىڭ تال يىپ، ئاستىدا بىر تال يىڭنە. ئاساسىي قاتلام سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ تەڭلىكتە قويۇشىغا دۇچ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ چۈشىنىپ، ماھىيىتىگە يېتىپ بولغان ئىدى. «بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ھەرخىل جەدۋەلنى تولدۇرۇش بىلەن ئالدىراش، ئىش ۋاقتىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەيدۇ، ھەتتا ۋاقىت سەرپ قىلىپ كەنتكە چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدۇ.» 2017-يىلى 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش، ھەقىقىي ئىشلەش، بارلىق خىزمەتلەرنى نامرات ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قارىتىش، شەكىلۋازلىقتىن ھەقىقىي ساقلىنىپ، كۆرۈنۈشكە چىرايلىق، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىشلار، ئوشۇقچە قائىدە-يوسۇنلار ۋە ئېغىزىدىلا گەپ قىلىپ، ئەمەلىيەتتە قىلمايدىغان ئىشلاردىن ئۈزۈل-كېسىل ساقلىنىش لازىم.

  گەپ جىق ئەلدىن بەرىكەت قاچار، ئىش جىق ئەلگە بەرىكەت ياغار .

  (تولۇق تېكىستىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر