باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى

زاپاس مىقدارى 1 مىليارد كۇب مېتىرغا يېقىن كۆپەيدى

2019.03.19 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭ تۈزلەڭلىك رايونىدىكى يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆمۈلۈش چوڭقۇرلۇقى 23.03 مېتىر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.94 مېتىر ئاشقان، بۇ شەھەر بويىچە يەر ئاستى سۇ بايلىقى زاپىسىنىڭ 990 مىليون كۇب مېتىر ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇمۇ بېيجىڭنىڭ يەر ئاستى سۇلىرى ئورنىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل ئۆرلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى 2014- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ سۇ باشلانغاندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى ئىلگىرىكى زاپاس قۇدۇقلارنى تەدرىجىي تاقاپ، يەر ئاستىدىن سۇ قېزىۋېلىشنى زور دەرىجىدە باسۇرۇپ قويدى، شۇ ئارقىلىق، يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ساقلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر ئاستى سۇلىرى ئورنىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى ۋە ۋارونكا كۆلىمىنىڭ چوڭىيىش يۈزلىنىشىنى چەكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر