- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاسىيا مەدەنىيلىكى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2019.03.19 15:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىكى سۆھبەت يىغىنى ئىجرائىيە كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاسىيا مەدەنىيلىكى سۆھبەت يىغىنى بۇ يىل 5- ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىندا، ئاسىيا مەدەنىيلىكى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئالتە مەيدان پاراللېل تارماق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، يەنە ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش، ئاسىيا مەدەنىيەت ھەپتىلىكى، ئاسىيا يېمەك-ئىچمەك بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مەزكۇر يىغىن ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئادىمىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ۋەكىللەر قاتارلىقلارنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر