باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەن جېڭ: شەھەرنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر باھاسى، ئۆي باھاسى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك

2019.03.19 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 18-مارت تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خەن جېڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلاش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇش، ئايلىنىش ئەھۋالىنى كۆردى، ئارقىدىن سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ۋە سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باشتىن-ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرۇلغۇ قىلىش»تىن ئىبارەت ئورۇن تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇ ھەم مۇھىم، زور ئىقتىسادىي مەسىلە، ھەم مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، ئۆي-مۈلۈك بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىپ، بازار كۆزلىمىسى مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇۋاتىدۇ. بىر شەھەردە، بىر تەدبىر، ئۆز شەھىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جايلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، قانداق مەسىلە بولسا، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى لايىھەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا يولغا قويۇپ، يولغا قويۇش جەريانىدىكى باھالاش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى ياخشى قىلىش كېرەك. يەر باھاسى، ئۆي باھاسى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شەھەرنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش ۋە يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز-مۈلۈك بازىرى خەۋپ-خەتىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئىلمىي بولغان نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى ئورنىتىپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ دەل ۋاقتىدا، توغرا، ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۈنۈملۈك تەڭشەش-تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تېخنىكا تايانچى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر