باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، دېدى

2019.03.20 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 19-مارت چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، نۇرغۇن زور ئىسلاھاتلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردى، ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئېغىرلاشقانسېرى يۆنىلىشنى شۇنچە پۇختا ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى قىيناۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى داۋاملىق گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، «يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئالاقىدار ھوقۇقىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «جامائەت بايلىقى سودا سۇپىسىنىڭ بىرىكتۈرۈلۈپ ھەمبەھرىلىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى تىجارەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۆچەيتىشنى چۆرىدەپ چوڭ جەھەتتىن قوغداشنى چىڭ تۇتۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يېڭى يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىشنى چىڭ تۇتۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى يول ۋە رايون خاراكتېرلىك تۈگۈن قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى نوپۇس، بايلىق، مۇھىت بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر