باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.03.21 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3- ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى بېكىتىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى؛ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىشنىڭ يانداش تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، قىسمەن قەرەلى توشقان باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىئانە قىلىش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈچىنچى تەرەپ كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىندا يېپىلغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى مۇھىم سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر تۈرمۇتۈر تەقسىملىنىپ، مەسئۇل ئورۇنلار ۋە ۋاقىت چېكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدىن خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنلاش تەلەپ قىلىندى. بىرىنچىدىن، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. تارماقلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئادىل سودا قىلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ، تەدبىرلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بېكىتىلگەن خىزمەت ۋە سىياسەتلەرنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغنى تېزدىن چۈشۈرۈش، نەتىجە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنى يولغا قويۇش داۋامىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى، ئاممىنىڭ ساداسىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنىڭ بالدۇر ئۈنۈم بېرىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھېس قىلالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۈچىنچىدىن، ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىش لازىم. ھەر قايسى تارماقلار چوڭ ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئۆزئارا ماسلىشىشنى ۋە سىياسەت يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم. بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى «يانغا قېيىپ كېتىش، شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش»، قىلىدىغاننى قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش لازىم. كۈچلۈك ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، بازار سۇبيېكىتلىرىنىڭ ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر