باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىفوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانىدىكى بىر قارا قۇتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى يېشىلدى

2019.03.20 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە خەلق ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش تەھلىل قىلىش ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى ئىفوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانىدىكى بىر قارا قۇتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا كۆچۈرۈپ ئالغانلىقىنى ھەمدە ئۇنى ئىفوپىيەنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇ كۈنى ئىفوپىيە ئەمەلدارى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان يولۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تونۇشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فىرانسىيە خەلق ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش تەھلىل قىلىش ئىدارىسى ئۇچقۇچى بۆلمىسىنىڭ ئاۋاز خاتىرىلىگۈچىدىكى سانلىق مەلۇماتنى مۇۋەپپىقىيەتلىك كۆچۈرۈپ ئالغانلىقىنى، مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى داۋاملىق يەنە بىر قارا قۇتۇدىكى سانلىق مەلۇماتنى يەنى ئۇچۇش سانلىق مەلۇماتىنى خاتىرىلەش ئەسۋابىدىكى سانلىق مەلۇماتنى يېشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئورگان ئىجتىمائىي تاراتقۇ تىۋېتتېردا ئېلان قىلغان سۆرەتكە قارىغاندا، ئۇچقۇچى بۆلمىسىنىڭ ئاۋاز خاتىرىلىگۈچىنىڭ سىرتقى يۈزىدە سوقۇلغانغانلىق ئىزى باركەن، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ساقكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر