باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى باكو بىلەن كۆرۈشتى

2019.03.21 15:28   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى باكو بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى بولسا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇ جۇڭگو-ئامېرىكا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەل رايى ئاساسىدۇر، دەپ كۆرسەتتى .

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن خەلق سارىيىدا ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى باكو بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ باكونىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىپلا جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى، بۇ، مەكتەپ مۇدىرى باكونىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مائارىپ ئالاقىسىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇ جۇڭگو ـ ئامېرىكا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەل رايى ئاساسىدۇر. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان زور تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلار جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. بىز ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، چەت ئەلدە ئوقۇشقا ئىلھام بېرىمىز، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مائارىپ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى قوللايمىز، جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن ئارگېنتىنادا كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە بەك خوشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدا ناھايىتى زور دەرىجىدە مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن نەپ ئالدى. جۇڭگو مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى ئېلىپ بېرىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. بىز مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ۋە ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك. بۇ جەرياندا، بىز خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئامېرىكا مائارىپ پەن تەتقىقاتى ئاپپاراتلىرى بىلەن تېخىمۇ كەڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·نەزەربايېۋ قازاقىستان زۇڭتۇڭىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى 
    ·چېن باۋشېڭ: %86تىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرگە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار سەپلەندى 
    ·135 مىڭ ئىش ئورنى پەقەت ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنلا مەخسۇس تەمىنلىنىشكە ساقلاپ …
    ·كېلەچەكنىڭ ئۈمىدىنى مائارىپقا يۈكلەش كېرەك 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل ق…
    ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلاشقان تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغانل…
    ·بۇ قېتىملىق نەتىجە قەغىزىدە يارقىن نۇقتىلار كۆپ
    ·تاشكەنتتە قار ياغدى
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى تاشكەنتتە ئېچىلدى