3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئابۇزەبىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە زۇڭلىسى، دۇبەي خەلىپىسى مۇھەممەد (سولدىن 1-كىشى) 2-نۆۋەتلىك يەر شارى بوشلۇق يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە زۇڭلىسى، دۇبەي خەلىپىسى مۇھەممەد 19-مارت ئەبۇزەبىدە، ئەرەب دۆلەتلىرى ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى بازا قىلىپ، ئەزا 11 دۆلەت بىرلىشىپ سۈنئىي ھەمراھتىن بىرنى تەتقىق قىلىپ ياساش مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇنجى تۈرى قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى