باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىجياجۇاڭدا شەھەر رايونى، شەھەر-بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلدى

«ھېچقانداق شەرت قويماي» نوپۇسقا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2019.03.20 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى باشقۇرغان «شىجياجۇاڭ خەۋەرلىرى»نىڭ 19-مارت ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، يېقىندا، شىجياجۇاڭ شەھىرى نوپۇس باشقۇرۇشتىكى «ئۈنۈم ئىنقىلابى»نىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر رايونى، شەھەر-بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋەتكەن ھەمدە نوپۇسنى يۆتكەپ كېلىشنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى بىۋاسىتە ھەر قايسى شەھەر-بازارلىق ساقچىخانىلىرىغا چۈشۈرۈپ، شەھەر رايونى، شەھەر-بازار نوپۇسىغا كۆچۈرۈپ كېلىش كەسپىنى «بىرلا جايدا بېجىرىش، دەرھال بېجىرىش»، نوپۇسنى «ھىچقانداق شەرت قويماي» يۆتكەپ كېلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتقان.

  بۇ يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، «شىجياجۇاڭ شەھىرىدە شەھەر-بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلىپ قىلىپ، شەھەر رايونى، شەھەر-بازارلاردا نوپۇسقا ئالدۇرۇشتىكى «مۇقىم تۇرالغۇسى بار بولۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇش»تىن ئىبارەت نوپۇس يۆتكەپ كېلىش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شىجياجۇاڭ شەھىرىدە شەھەر رايونى، شەھەر-بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋەتتى، ئامما پەقەتلا كىملىك، نوپۇس دەپتىرى بىلەنلا نوپۇس ئالدۇرىدىغان جايدىكى ساقچىخانىلارغا نوپۇسىنى شەھەر رايونى، ناھىيە (شەھەر) رايونى ۋە ئىشتاتلىق بازارلارغا يۆتكەپ كېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، جورىسى، پەرزەنتلىرى، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نوپۇسىنى بىللە يۆتكەشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر