باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

2019.03.20 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوقۇتقۇچى مائارىپنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى. ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇش، سىياسىي ساپاسى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسىپىي ئىقتىدارى كامالەتكە يەتكەن، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ئۈستۈن تۇرىدىغان يۇقىرى ساپالىق كەسپلەشكەن ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  «ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا، ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا». مەكتەپ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەشنى كۆزلەپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، كەڭ ئىدىيىۋى-سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك ئۇرۇقى چېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلىشىنى چىن قەلبىدىن تاپشۇرۇپ، ئىدىيىۋى-سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يىراقنى كۆزلىگەن، سەمىمىي بولۇپ كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ روھلاندۇرىدۇ.

  «ئىلىم ئەھلى بولۇش ئاسان، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش تەس». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭنى يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپ ئىدىيىۋى-سىياسىي خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيىۋى-سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى، جايلار، تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيىۋى-سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، ئومۇمىي سۈپىتى يەنىمۇ ئېشىپ، ئىشەنچلىك، ھۆرمەتكە سازاۋەر، تايىنىشقا بولىدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، دادىل ئىشلەيدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى بەرپا قىلدى. ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى جان كۆيدۈرۈپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇپ، ئېلىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر