خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىىسى: يېقىندا، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى، بىراق تۇيۇقسىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كېلىپ، «سەھنىنى تالاشتى». سوغۇق ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 20-چېسلادىن 23-چېسلاغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، كىشىلەرنىڭ پەقەتلا ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى. كۆپ قىسىم جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلىدى. چاڭچۇن، شېنياڭ، نەنجىڭ، خاڭجۇ، فۇجۇ قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش سالمىقى 15 سېلسىيە گىرادۇستىنمۇ ئېشىپ، تۆت پەسىلنىڭ تۇيۇقسىز ئالمىشىشى يۈز بېرىپ، كىيىم-كېچەك كىيىشتە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلدى. جۇڭگو مېتېئورولوگىيە تورىنىڭ «جۇڭگو كىيىم-كېچەك كىيىش قالايمىقانلىشىشتىن ئالدىن خەۋەر بېرىش خەرىتىسى»گە قاراپ، تۇرۇشلۇق جايىڭىزدا تېپمپېراتۇرانىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى ۋە قېلىن كىيىنىش دەرىجىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئەسكەرتمە: بۇ ھەپتە تېمپېراتۇرا ناھايىتى تۇراقسىز بولۇپ، كىيىنىشتە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.
سوغۇق ئېقىم يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىدا، شىمالنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەتىيازدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يېقىنلاشتى، بېيجىڭ، خېبىي، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردا ھەتتا 25 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ باردى. جەنۇبىي جۇڭگودا تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ، ئاتالمىش «پەللىگە چىقىپ چۈشۈش» كۆرۈلۈپ، سوغۇق ئېقىم تۇيۇقسىز كۆرۈلۈپ «سەھنىنى تالاشتى». سوغۇق ئېقىم بىرلا ۋاقىتتا شىمال ۋە جەنۇبقا ھۇجۇم قىلدى. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 20-چېسلادىن 23-چېسلاغىچە، ئوتتۇرا جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن. قىسمەن جايلاردا 12 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.
جۇڭگو ھاۋارايى تەھلىلچىسى شاۋ پىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈن سوغۇق ئېقىم غەربىي شىمال، شەرقىي شىمال ۋە جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا سۈرۈلدى، 21-چېسلادىن باشلاپ داۋاملىق جەنۇبقا سۈرۈلۈپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبى قىسمى، غەربىي جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارغا يېتىپ بارىدۇ. 22-چېسلادىن 23-چېسلاغىچە، سوغۇق ئېقىم شەرقىي جەنۇبىي جۇڭگوغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ قېتىملىق تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتە جىلىن، لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل، جېجياڭ، فۇجيەن، خۇنەن قاتارلىق جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.
كونكرېت قارىغاندا، 20-چېسلادىن 21-چېسلاغىچە، غەربىي شىمال رايونلارنىڭ شەرقىي قىسمى، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې-خۈەيخې ۋادىلىرىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، تەخمىنەن 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 14 سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى موڭغۇل ۋە شەرقىي شىمالىي جۇڭگونىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلەش سالمىقى 10 سېلسىيە گىرادۇستىن 18 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ.
شىمالدىكى شەھەرلەر ئىچىدە، چاڭچۈننىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، يەنى سوغۇق ئېقىم يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 1 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى