باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بويىن شىركىتىنىڭ 737 MAX تىپلىق ئايروپىلانىنى تەستىقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

2019.03.20 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خەۋەردار ئەرباپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بويىن شىركىتىنىڭ 737 MAX تىپلىق ئايروپىلانىنى تەستىقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرىۋېتىپتۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشى 2018-يىلى 10-ئايدا شىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقسىنى تەكشۈرۈشتىن باشلانغان. باش تەپتىش بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە مەسئۇلكەن. ئۇ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىككى ئىشخانىسىنى كومپىيۇتېر ھۆججىتىنى قوغداشقا ئاگاھلاندۇرغان. بويىن شىركىتى تەكشۈرۈش ئىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىغان، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى باھا بېرىشنى رەت قىلغان. ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۈرئەتسىزلىنىشتىن ساقلىنىش سىىستېمىسى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر