خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىتالىيە ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاپېننىن يېرىم ئارىلى ۋە سىتسىلىيە، ساردىنىيە قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىمالدا ئالپىس تاغلىرى توسۇپ، فىرانسىيە، شىۋېيتسارىيە، ئاۋستىرىيە، سىلوۋېنىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ، شەرق، جەنۇب، غەرب تەرەپلىرى دېڭىزغا تۇتۇشىدۇ، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 7200 كىلومېتىر كېلىدۇ، دۆلەت زېمىن كۆلىمى تەخمىنەن 301 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسى تەخمىنەن 60 مىليون 390 مىڭ ئەتراپىدا. كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ ئوتتۇرا دېڭىز كېلىماتىغا تەۋە، پايتەختى رىم.
سۈرەتتە: 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، كىشىلەر ئىتالىيەنىڭ رىم گىلادىياتورلار مەيدانىدا ساياھەت قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى