باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ مىنىستىرلىق ھۆججەت تارقىتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى مەسئۇللىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تاماق يېيىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى

2019.03.20 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە «مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلغان (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ) بولۇپ، 1- ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  «بەلگىلىمە»دە، مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە مەكتەپ مۇدىرى (باغچا باشلىقى) مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسىدا مەركەزلىك تاماقلىنىش، تاماقتا ھەمراھ بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ھەر ۋاقلىق تاماقنىڭ ھەممىسىدە مەكتەپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە غىزالىنىپ، غىزادا ھەمراھ بولۇش خاتىرىسىنى ياخشى خاتىرىلەپ، توپلىشىپ غىزالىنىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ھەل قىلىش لازىملىقى، شارائىتى بار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرى ئاتا-ئانىلار غىزادا ھەمراھ بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىشى ۋە ئىنكاس قىلىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرى ئادەتتە مەكتەپ ئىچىدە دۇكان، تاللا بازىرى قاتارلىق يېمەكلىك تىجارىتى سورۇنلىرىنى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ، ھەقىقەتەن تەسىس قىلىش زۆرۈر بولسا، قانۇن بويىچە ئىجازەت ئېلىشى ھەمدە تۇز، قەنت تەركىبى يۇقىرى ۋە يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر