باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جۇڭگونىڭ 3-نۆۋەتلىك ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قاراپ چىقىشقا قاتنىشىش ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئوڭۇشلۇق تەكشۈردى

2019.03.20 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يېقىندا جۇڭگونىڭ 3-نۆۋەتلىك ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قاراپ چىقىشقا قاتنىشىش ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئوڭۇشلۇق تەكشۈردى. جۇڭگو تەرەپ باش مەقسەتلىك سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر كىشىلىك ھوقۇق مەزمۇنىنى نۇقتىلىق شەرھلىدى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى كىشىلىك ھوقۇق نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  يىغىندا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش، سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن قاراپ چىقىشقا قاتناشقانلىقىنى ماختىدى، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپىگە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جۇڭگونىڭ قاراپ چىقىشقا قاتنىشىش دوكلاتىنى تەكشۈرۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى قارشى ئالدى.

  جۇڭگو ۋەكىلى خۇلاسە سۆزىدە قىسمەن غەرب ئەللىرى ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئورۇنسىز ئەيىبلەشلىرىگە كەسكىن رەددىيە بېرىپ، جۇڭگو كىشلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ دېدى ھەمدە جۇڭگونىڭ جۇڭگوچە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش قەتئىي ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر