باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى باھالاش، تەقدىرلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

2019.03.21 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك <خەلق رازى بولغان مەمۇرلار> ۋە <خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى>نى باھالاش، تەقدىرلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى .

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ مەمۇرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۆھپە يارىتىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىپ، زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى. ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا تەۋسىيە ئوبيېكتىنىڭ ئاساسىي شەرتى كۆرسىتىلدى. «خەلق رازى بولغان مەمۇر»دا، ئاساسلىقى سىياسىي ئىپادىسى، خىزمەت نەتىجىسى، پاك-تەلەپچان بولۇش جەھەتلەردە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ «خەلق رازى بولغان دۆلەت مەمۇرلىرى كوللېكتىپى»دا، ئاساسلىقى سىياسىي ئىپادىسى، خىزمەت نەتىجىسى، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ۋە مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆرسىتىش ئوبيېكتى ئىلغارلىققا، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە، پارتىيەگە سادىق، خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان، خىزمىتىگە سادىق، ۋەزىپىنى بەجانىدىل ئادا قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، پاك-دىيانەتلىك، ئامما رازى بولغان بولۇشى كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا ئاساسىي قاتلام ۋە بىرىنچى سەپكە يۈزلىنىپ، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر، چوڭ ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا ئاجايىپ تۆھپە ياراتقان شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلارنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

  «ئۇقتۇرۇش»تا ئېنىق قىلىپ مۇنۇلار دېيىلدى: «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار ۋە خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى باھالاشتا، پەرقلىق باھالاش يولغا قويۇلىدۇ، تەقدىرلەش سانى ئايرىم-ئايرىم 200 نەپەر ۋە 100 كوللېكتىپ بولىدۇ. تۆۋەندىن يۇقىرىغا، دەرىجىمۇ دەرىجە تەۋسىيە قىلىنىپ تاللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پىكرىگە تولۇق قۇلاق سېلىنىپ، سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەزنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەقدىرلەش ئوبيېكتىنى ئېلان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر