خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ياپونىيە توكيو 2020- يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى نۇسخىسى ۋە ئولىمپىك مەشئىلى باش ئەلچىسىنى ئېلان قىلدى. توكيو ئولىمپىك مەشئىلى شەكلىنىڭ ئىلھامى نورۇز گۈلىدىن كەلگەن بولۇپ، «نورۇز گۈلى ئالتۇن رەڭگى»دە. مەشئەلنىڭ ئۈستى قىسمى گۈل بەرگىسىمان لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئولىمپىك مەشئىلى بەش تال «گۈل بەرگى» ۋە مەركىزىدىكى «غۇنچە» قىسمىدا ياندۇرۇلىدۇ. مەشئەلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 71 سانتىمىتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1.2 كىلوگرام كېلىدۇ. مەشئەلنىڭ ماتېرىيالىدا ئاليۇمىن ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنغان بولۇپ، يېڭى غول لىنىيەنى ياساش جەريانىدا ئىشلىتىلگەن ئاليۇمىنغا سىقىپ چىقىرىش ھۈنەر سەنئىتى قوللىنىلغان.
سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تارتىلغان توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى