باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لۇ شىننىڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى

2019.03.21 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ۋە ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرغان. بۇنىڭدا، لۇ شىننىڭنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىققا تەيىنلىگەن.

  يولداش لۇ شىننىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  1966- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇەييىن ناھىيەسىدىن، كومپارتىيە ئەزاسى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1991- يىلى 8- ئايدىن 2004- يىلى 7- ئايغىچە، خەلق گېزىتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى، مەدەنىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گۇرۇپپا باشلىقى بولغان؛

  2004- يىلى 7- ئايدىن 2014- يىلى 3- ئايغىچە، خەلق گېزىتى ئوبزور بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە مۇدىرى بولغان؛

  2014- يىلى 3- ئايدىن 2014- يىلى 12- ئايغىچە، خەلق گېزىتى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئوبزور بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2014- يىلى 12- ئايدىن 2015- يىلى 3- ئايغىچە، خەلق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئوبزور بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2015- يىلى 3- ئايدىن 2018- يىلى 9- ئايغىچە، خەلق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولغان؛

  2018- يىلى 9- ئايدىن 2019ـ يىلى 3- ئايغىچە، خەلق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، خەلق تورى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان؛

  2019- يىلى 3- ئايدا، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىققا تەيىنلەندى.

  ج ك پ 18- قۇرۇلتىيى ۋەكىلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر