باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئىچىدە قوشۇلما قىممەت بېجى قانۇنى ۋە ئىستېمال بېجى قانۇنى قاتارلىق كۆپ قىسىم باج قانۇنلىرىنى تەييارلاش خىزمىتىنى تاماملاشقا تىرىشىدۇ

2019.03.21 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 20- چېسلا مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2019- يىلى مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئىچىدە قوشۇلما قىممەت بېجى قانۇنى، ئىستېمال بېجى قانۇنى، ماركا بېجى قانۇنى، شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى قانۇنى، يەر قوشۇلما قىممەت بېجى قانۇنى، تاموژنا بېجى قانۇنى، لاتارىيە باشقۇرۇش نىزامى (تۈزىتىلمە)گە ئالاقىدار قانۇنلارنى تەييارلاش خىزمىتىنى تىرىشىپ تاماملاپ، گوۋۇيۈەنگە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل ئىچىدە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى ۋە رويخەتتىكى بوغالتىرلارنى تىزىملاش چارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ قائىدىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە تىرىشىدىكەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېزلىتىشنى نىشان قىلىپ، مالىيە قانۇنى چىقىرىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ۋاقىتچانلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان مالىيە قانۇن-تۈزۈملىرى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۇش كېرەك. مالىيە مىنىستىرلىقى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل بوغالتىرلىق قانۇنى، رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلار قانۇنى، دۆلەت مۈلكىنى باھالاش-باشقۇرۇش چارىسى، مالىيەدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش-بىر تەرەپ قىلىش نىزامى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مەمۇرىي ۋە كەسپىي دۆلەت مۈلكى نىزامى، دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش نىزامىنى تۈزۈش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، گوۋۇيۈەنگە ۋاقتىدا يوللايدۇ؛ مالىيە ۋېكسېلىنى باشقۇرۇش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل يەنە ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىش قانۇنى (تۈزىتىلمە)، دۆلەت خەزىنىسى نىزامى (تۈزىتىلمە)، ھۆكۈمەتنىڭ باجدىن باشقا كىرىمنى باشقۇرۇش نىزامى، كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى ئاساسىي باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىق قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملار، شۇنىڭدەك كارخانىلارنىڭ مالىيە ئومۇمىي قائىدىسى (تۈزىتىلمە)، مالىيە خام چوتىنىڭ ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ قائىدىلىرى ئۈستىدە قانۇن چىقىرىپ تەتقىق قىلىپ، قانۇن چىقىرىش نەتىجىلىرىنى بالدۇرراق شەكىللەندۈرۈشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر