باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۆك نامرات ناھىيەلەردىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

شىنجاڭدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %98.47كە يەتتى

2019.03.20 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتى سىن يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز تۈزگەن لايىھەدە، يەنى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ 2018ـ يىلىدىن 2020ـ يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىللىق يولغا قويۇش لايىھەسىدە تەلەپلەر ئېنىق بولۇپ، ئۇنىڭدا، نامرات ئاھالىلەرنى چوقۇم "ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانى" ئىچىدىكى جەزمەن سۇغۇرتىلىنىدىغان كىشىلەر توپىغا كىرگۈزۈش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ بېجىرگەن ۋە كارتا تۇرغۇزغان نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %98.4كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.22كە يېتىپ، ھەممە ئادەم سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىدىكى نامراتلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ پۈتۈن ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ياخشى سىياسەت قوللىنىپ، 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىچىدىكى ئارخىپ بېجىرگەن ۋە كارتا تۇرغۇزغان نامرات كىشىلەرگە قارىتا، ئۇلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىپ، نامرات كىشىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش يۈكىنى يېنىكلەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامراتلار ئىچىدە 833 مىڭ 900 ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان، 533 مىڭ 700 ئادەم كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر