باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇ چۈەن خېبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزدىكى دىنلارنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.03.21 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۇ چۈەن خېبېيغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزدىكى دىنلارنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلۇش يۆنىلىشىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكى نۇقتىلىق ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يۇ چۈەن باۋدىڭ ۋە شىجياجۇاڭغا كېلىپ، چېركاۋ، ئىبادەتخانا ۋە دىنىي مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمدە يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار كادىرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. يۇ چۈەن خېبېينىڭ دىن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىن ئىشلىرىنىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. دىنىي زاتلارنىڭ ئېلىمىزدىكى دىنلارنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي زاتلارنى ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلەرنى چوقۇم دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە باشقا قانۇن-نىزاملىرىغا ئۇيغۇن ھالدا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى روھىغا ۋە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا شەرھلىشىگە يېتەكلەپ، ھەمدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئۇلارغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئېلىمىزدىكى دىنلارنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام دىن خىزمىتىنىڭ كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام دىن خىزمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق سالاھىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

  يۇ چۈەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە يەنە شيۇڭئەن يېڭى رايونى بىلەن قىسمەن پۇقراۋى كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر