باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىتالىيە تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

شەرق-غەرب ئالاقىسىدىكى ئېسىل ھېكايىلەرنى تىللاردا داستان قىلىپ، جۇڭگو-ئىتالىيە دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يارىتايلى

2019.03.21 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىتالىيە «كەچلىك پوچتا گېزىتى»دە «شەرق-غەرب ئالاقىسىدىكى ئېسىل ھېكايىلەرنى تىللاردا داستان قىلىپ، جۇڭگو-ئىتالىيە دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە تۆۋەندىكىچە:

  شەرق-غەرب ئالاقىسىدىكى ئېسىل ھېكايىلەرنى تىللاردا داستان قىلىپ، جۇڭگو-ئىتالىيە دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يارىتايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  ھەممە ياق يېڭىلىققا تولغان مەزگىلدە، زۇڭتۇڭ ماتتارېللانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. 2011-يىلى مەن ئىلگىرى رىمدا «ئىتالىيە بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ 150 يىللىقى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئىدىم، 2016-يىلى يەنە ساردىنىيە ئارىلىدا چېگرادىن ئۆتكەن ئىدىم. ئىتالىيەنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى زاماننى، كىلاسسىك ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرگەن تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە سانائەتلەشتۈرۈش قارىشى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. بۇ گۈزەل دۆلەتكە پات ئارىدا يەنە بىر قېتىم قەدەم قويماقچىمەن، قىزغىن ئىتالىيەلىك دوستلىرىمنى كۆرەلەيدىغانلىقىمدىن مەن ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلماقتىمەن.

  جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە شەرق، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا رەڭدار سەھىپىلەرنى قالدۇرغان. قەدىمكى رىم مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىتالىيەنىڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي يادىكارلىقلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت پېشۋالىرىنىڭ ھەيۋەتلىك ئەسەرلىرى جۇڭگودا ھەممىگە تونۇشلۇق. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەدىن ئىبارەت ئىككى ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى، قەدىمكى يىپەك يولى تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتىكى جۇڭگو بىلەن قەدىمكى رىمنى باغلىغان ئىدى. خەن سۇلالىسى ئىلگىرى ئەلچى گەن يىڭنى ئەۋەتىپ، «داكچىن»نى ئىزدىگەن ئىدى. رىملىق شائىر ۋېرگىل ۋە جۇغراپىيە ئالىمى پومپونىيۇس كۆپ قېتىم «يىپەك يولى»نى تىلغا ئالغان ئىدى. «ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى» غەرب تارىخىدا تۇنجى قېتىم «جۇڭگو قىزغىنلىقى»نى قوزغىغان ئىدى. ماركوپولو شەرق، غەرب مەدەنىيىتى ئالاقىسىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئەلچىلەر ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر