سۈرەتتىكىسى 2018-يىلى 9- ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان فىرانسىيەنىڭ ئەترېتاتتىكى «پىل خارتۇمى تېغى».
فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، كۆلىمى تەخمىنەن 550 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ (چەت ئەلدىكى تەۋەلىك زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا)، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، پايتەختى پارىژ. يەرلىك نوپۇسى 65 مىليون 20 مىڭ بولۇپ، فىرانسۇز تىلى ئورتاق تىل ھېسابلىنىدۇ. فىرانسىيە ئەڭ تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتىنىڭ بىرى بولۇپ، يادرو ئېلېكتىر، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تۆمۈريول جەھەتتە دۇنيادا باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ. پولات-تۆمۈر، ئاپتوموبىل، قۇرۇلۇش سانائىتى فىرانسىيەنىڭ ئۈچ چوڭ تايانچ سانائىتى. يادرو ئېنېرگىيەسى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، دېڭىز-ئوكيان ئېچىش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەتلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلدى. 1964-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەربتىكى تۇنجى چوڭ دۆلەت. 1997-يىلى ۋە 2004-يىلى، فىرانسىيە غەرب دۆلەتلىرى ئىچىدە باشلامچى بولۇپ جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانىدى. 2014-يىلى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قويۇق ھەم سىجىل بولغان جۇڭگو- فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشنى ئورتاق قارار قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى