باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ليۇ كۇن 1-مايدىن باشلاپ شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ، دېدى

2019.03.25 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ليۇ كۇن 24-مارت ئېچىلغان جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2019-يىللىق يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە 2019- يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ، جايلار %20تىن %16كە تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ھەقىقىي تۈردە كېمەيتسە بولىدۇ.

  بۇ يىل ئېلىمىزدە كارخانىلارنىڭ باج ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنىڭ 2 تىرىليون يۈەنگە يېقىن يېنىكلىتىلىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، سالمىقى ئالدىنقى يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ليۇ كۇن مۇنبەردە مۇنداق دېدى: ئالاقىدار سىياسەت لايىھەلەر تېزدىن تۈزۈپ چىقىلىپ، باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، بازار سۇبيېكتلىرىغا، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا يۈكنىڭ ئازايغانلىقى ھەقىقىي روشەن ھېس قىلدۇرۇلىدۇ.

  ھەقنى تۆۋەنلىتىش ھەققىدە، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەھەر-بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى تۆۋەنلىتىلگەندىن باشقا، يەنە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارغا قارىتا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ، بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر