3-ئاينىڭ 20-كۈنى، خېفېي دوڭفېڭ يېڭى كەنت بالىلار باغچىسىدىكى كىچىك دوستلار نومۇر ئورۇندىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى ياۋگۇڭ مەھەللىسىدىكى خېفېي دوڭفېڭ يېڭى كەنتى بالىلار باغچىسىدا « بالىلىق چاغلاردىكى كىلاسسىك قوشاقلار» باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. كىچىك دوستلار كىلاسسىك بالىلار ناخشىسى، قوشاقلارنى ئېيتىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى «دۇنيا بالىلار ناخشىسى كۈنى»نى كۈتۈۋالدى.