باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىللىق بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تىزىملىتىش سىستېمىسى 3- ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلدى

2019.03.25 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى 2019-يىلى 4- ئايدىن 10-ئايغىچە بېيجىڭ يەنچىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات مەركىزى 24- چىسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تىزىمغا ئالدۇرۇش سىستېمىسى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلىدۇ، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىنى زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان مۇخبىرلار 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى تاراتقۇلار تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورگان تور بېكىتى (https://exhibitionreg.news.cn)دە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. تىزىملىتىش 9- ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگوغا ۋاقىتلىق كېلىدىغان مۇخبىرلىرى توردا تىزىملاتقاندىن كېيىن، تىزىمغا ئالدۇرۇش سىستېمىسىدا ھاسىل قىلىنغان جەزملەشتۈرۈش خېتى بىلەن جۇڭگونىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىلىرى ياكى جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپاراتلارغا بېرىپ، J-2 ۋىزىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  زىيارەت قىلىش كىنىشكىسىنى ئېلىش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە مۇۋاپىق پەيتتە ئېلان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر